[00:00.000] 作词 : Mirzat
[00:01.000] 作曲 : Mirzat
[00:02.000] 编曲 : Mirzat
[00:22.623]بۈگۈن كېچە نېمە ئۈچۈن تىڭشىغۇچنى قۇلاققا ئاستىڭ
[00:25.385]يول چىراغلىرى ئۆچۈپ بولغىچە كۆزدە ئۇيقۇ يوق ياتتىڭ
[00:28.388]يۇلتۇز بىلەن ئايغا قاراپ چوڭقۇر خىيالغا پاتتىڭ
[00:31.151]ئەتىنىڭ كېلىشىگە تەلمۈرىمەن دەپ تاماكاڭنى ئاچچىق تاتتىڭ
[00:33.912]قانداق داۋالايسەن بۇرۇنقى ئاشۇ يارىنى
[00:36.672]پۇلدىن باشقا نەرسىنىڭ قالمىدى ھېچ بىر تايىنى
[00:39.677]كىشىلىك مۇناسىۋەتنى دەپ ئاتايسەن ئۆزۈڭدە بارىنى
[00:42.435]چۈشەنمەيدۇ ئەكسىچە چاپلايدۇ ساڭا قارىنى
[00:45.186]نېمە ئۈچۈن بىر ناخشىنى قايتا قايتا ئاڭلايسەن
[00:48.207]ساڭا يامانلىق قىلغانلاردىن نېمىشقا ئۆزۈڭنى تارتمايسەن
[00:50.956]باتنايسەن يەنىلا دەردىگە دەردىڭنى قاتمايسەن
[00:53.473]چاتمايسەن غەيۋەتلەرگە ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئالدايسەن
[00:56.723]ئويلىغانلىرىڭنى ئىپادىلەشكە ئىقتىدارىڭ يېتىدۇ
[00:59.229]لېكىن يەنىلا بەزىدە سۈكۈت قىلىشنى تاللايسەن
[01:02.244]كەڭ قورساقلىق ياخشى لېكىن ئۇنۇتما ئۆزۈڭنى قەدىرلە
[01:05.006]كەمچىللىكنى قوبۇل قىل يۈزسىزلىكنى كەچۈرمە
[01:08.009]جاندىن ئەزىز كۆرگەنلىرىڭ دائىم ساڭا خىيانەتتە
[01:10.770]يۈز ئۆرۈش دېگەن ئۇلار ئۈچۈن سەن ئۆتكۈزگەن جىنايەتتە
[01:13.518]ئەمما دەيسەن ھېچقىسى يوق چاندۇرمىغان قىياپەتتە
[01:16.280]كېچىسى قولۇڭدا رومكا يالغۇز كىشىلىك زىياپەتتە
[01:30.316]ئەتراپىڭدا نۇرغۇن ئىدى نىقاپ ئاسقان تۈلكىلەر
[01:33.336]تىرىشىشقا سەۋەب ئىدى مەسخىرە ئارىلاش كۈلكىلەر
[01:36.091]چەتكە تارتسا ئۆزىنى سەن ئىزدىمىگەن ئەيىب بولىدۇ
[01:38.847]پىسەنت قىلما قىزارتسا كۆزىنى روھىيتىڭ زەئىپ بولىدۇ
[01:41.853]تۆت بەش دوستۇڭ ئارىسىدا ئاۋازغا ئاۋازنى قاتىتىڭ
[01:44.608]ئەمما ئۇلاردىن ئىنكاس يوق تېلېفونغا قاراپ قاتىتىڭ
[01:47.369]كاللا ئوينىغان يېقىنغىمۇ مېھرىڭ بىلەن باقىتىڭ
[01:50.130]ساختا مېھىر يالغان كۈلكىگە قاچان توشار تاقىتىڭ
[01:53.136]ئۇلار ئۈچۈن بولسا بولمىساڭ كېچە كېچە بولىۋېرىدۇ
[01:56.142]ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىگە شەبنەم ئاق سۆيۈشتەك تولىۋېرىدۇ
[01:58.657]ساڭا مەنسۇپ بولمىغان كۈلكە لەۋلىرىڭدىن ئۆچۈۋېرىدۇ
[02:01.665]يىغلىساڭمۇ بەرىبىر ھەممە سەندىن تىمتاس تېنىۋېرىدۇ
[02:04.424]جاندىن ئەزىز كۆرگەنلىرىڭ دائىم ساڭا خىيانەتتە
[02:07.172]يۈز ئۆرۈش دېگەن ئۇلار ئۈچۈن سەن ئۆتكۈزگەن جىنايەتتە
[02:09.929]ئەمما دەيسەن ھېچقىسى يوق چاندۇرمىغان قىياپەتتە
[02:12.937]كېچىسى قولۇڭدا رومكا يالغۇز كىشىلىك زىياپەتتە
[02:15.697]بۈگۈن كېچە نېمە ئۈچۈن تىڭشىغۇچنى قۇلاققا ئاستىڭ
[02:18.459]يول چىراغلىرى ئۆچۈپ بولغىچە كۆزدە ئۇيقۇ يوق ياتتىڭ
[02:21.222]يۇلتۇز بىلەن ئايغا قاراپ چوڭقۇر خىيالغا پاتتىڭ
[02:24.228]ئەتىنىڭ كېلىشىگە تەلمۈرىمەن دەپ تاماكاڭنى ئاچچىق تارتتىڭ